教师网

招 教

资格证

资讯
辅导
试题

全国

分校

网络课程
面授课程

2012年新疆农村双语幼儿园教师招聘公告(维文)

http://www.hteacher.net2012-06-12 17:27教师网[您的教师考试网]

【导读】2012年新疆农村双语幼儿园教师招聘公告(维文),2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16:00 دىن 18:00 كىچە.

成功学员:福建学员林坤:郭老师,我是林坤,我面试过了,一直以...

培训热线:400-678-1009
分享到:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» (ش پ [2004] 2-نومۇرلۇق ھۆججەت)، «ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» ش پ ب [2005] 28-نومۇرلۇق ھۆججەت)، «ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل يەسلى مائارىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (ش پ ب [2008] 19-نومۇرلۇق ھۆججەت) نىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات-ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ « ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئاپپارات-ئىشتاتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى› نى بېسىپ تارقاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش ئا ش [2009] 154-نومۇرلۇق ھۆججەت) ۋە « ‹ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى› نى بېسىپ تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ش م [2009] 51-نومۇرلۇق ھۆججەت) تىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. 

بىرىنچى، قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى

«ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاش» پىرىنىسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى، قوبۇل قىلىش ئوبېيكتى ۋە شەرتى

1. قوبۇل قىلىش ئوبېيكتى

شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغان، شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل (ئالدىنقى يىللىرى) پۈتتۈرگەنلەر (چوڭلار مائارىپى ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئادەتتىكى پىلان ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مائارىپى تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر؛ ئىچكىرىدىن كېلىپ شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل (ئالدىنقى يىللىرى) پۈتتۈرگەنلەر؛ شىنجاڭدىكى ئىستودېنت پىدائىيلار مۇلازىمىتى بويىچە غەربىي رايون پىلانىغا قاتنىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان (مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان)، شۇنداقلا سىناشتا لاياقەتلىك بولغان پىدائىيلار؛ شىنجاڭدا «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرگە يار-يۆلەك بولۇش» مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىپ مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان ھەمدە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش تارىخىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر؛ شىنجاڭغا قېلىپ قالغان جەڭچىلەرنىڭ جۆرىلىرى؛ ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى قوش تىل يەسلىلەردە ئىشتات سىرتىدا ئىشلەۋاتقان، مائاشى ۋە تولۇقلىما پۇلى ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن بېرىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار.

تۆۋەندىكى خادىملار بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ:

1) جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغان ھەمدە قانۇندا كەسپىي-تېخنىكا خىزمىتىگە قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلەر.

2) يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بېرى، مەمۇر، كەسپىي-تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرىدا كۆچۈرمىكەشلىك، ساختىپەزلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلار.

3) ئاپتونوم رايون ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا-بازارلاردا ئىشلەشكە بىر تۇتاش ئەۋەتكەنلەر ئىچىدىكى مۇلازىمەت مۇددىتى توشمىغانلار.

4) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلار (ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

2. تىزىملىتىش شەرتلىرى

     1) سىياسىي ساپاسى ياخشى، سوتسىيالىزمنى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان، ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى، يەسلى مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان بولۇش؛

    2) 26 ياشتىن كىچىك بولۇش (1986-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)؛

    3) ئوقۇش تارىخى تەلىپى:

    (1) پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلىك ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش (تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەنلىك ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش دېگەنلىك پەقەت مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەنلەرنىلا كۆرسىتىدۇ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇش تارىخى بارلار ۋە «32» تۈرىدىكى ئالىي پىداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەنلىك ئوقۇش تارىخى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛ 

(2) چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا تۈرىدىكى مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۆتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ جاپالىق، چەت، يىراق يېزا-بازارلىرى ۋە بەشىنچى، ئالتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئوخشاش شەرت ئاستىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

(3) يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىلەردە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار، مىللىيچە ئوقۇغان خەنزۇلار ياكى خەنزۇ تىلى بىلەن شۇ يەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىنى پىششىق بىلىدىغان، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى (ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ) نى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى بەشىنچى، ئالتىنچى تۈردىكى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ يېزا-بازارلىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار كونكىرت تەلەپنى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى جەدۋىلى» دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ؛

4) مۇناسىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ھەمدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇش؛

5) ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش. ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار HSK ئىمتىھانىدا 5-دەرىجە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى ياكى MHK ئىمتىھانىدا 3-دەرىجە B تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تۈرگە يەتكەن بولۇشى، خەنزۇچە ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش ئاساسىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى شەرت؛ خەنزۇ تىلى تۈرىدە ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ۋە HSK ياكى MHK دەرىجە گۇۋاھنامىسى يوق خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجە B تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن بولۇشى، گۇۋاھنامىنى سالاھىيەت تەكشۈرىدىغان چاغدا كۆرسىتىشى شەرت. پۇتۇڭخۇا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىدا 2-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەن، خەنزۇ تىلى تۈرىدىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلى ئىقتىدارى بارلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

        6) خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بەدەن ساپاسى شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇش؛

7) ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەردە ئىشتات سىرتىدا ئىشلەۋاتقان، مائاشى ۋە تولۇقلىما پۇلى ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن بېرىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى، خىزمەت ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش ۋە ئوقۇش تارىخى شەرتىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق مۇۋاپىق بوشىتىشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورۇنلىرى 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى، ئىمتىھان چۈشەندۈرمىسى، ھۆججەت، ئۇقتۇرۇش ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ «ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ. « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىللىق يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى جەدۋىلى» شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ، تور ئادرېسى: 

http:∥www.xjedu.gov.cn

http:∥www.xjrs.gov.cn

تۆتىنچى، قوبۇل قىلىش تەرتىپى

       1. تىزىملىتىش ۋە بېكىتىش

ئىمتىھان بېرىدىغانلار توردا تىزىملىنىدۇ ياكى نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ.

1) توردا تىزىملاش (2012-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 16:00 دىن 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16:00 گىچە، بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىلىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالمايدۇ).

ئىش ئورنىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى جەدۋىلى» چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقىرىشى كېرەك (شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدىن چۈشۈرىدۇ). ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت بىرلا يەسلىگە تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، بىر نەچچە يەسلىگە تىزىملىتىشقا يول قويۇلمايدۇ، بىر نەچچە يەسلىگە تىزىملاتقانلارنىڭ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

2) نەق مەيداندا بېكىتىش (2012-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 كىچە)

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كىملىكى بىلەن تىزىملىتىش ئۇچۇر جەدۋىلىنى ئېلىپ، بەلگىلىگەن جايغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىنى ئالىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان، ئۈرۈمچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر (شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ؛ ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئىش ئورنىغا تىزىملاتقان ھەمدە شۇ ۋىلايەت، ئوبلاستتا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شۇ جايدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىزمىتى ئىشخانىسىدا نەق مەيداندا بېكىتىلىدۇ (بېكىتىش ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ).

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەق مەيداندا بېكىتىلگەندىن كېيىن، 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 10:00 دىن 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 18:00 كىچە ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىغا ئاساسەن شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرىدۇ ھەمدە ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىق قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش گۇۋاھنامىسى، ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىق قەغىزىنى ئېلىپ كەلگەندىلا، ئاندىن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھان بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. تورغا چىقىپ ئىمتىھان مەيدانى-ئورنى چاقىرىق قەغىزىنى بېسىپ چىقىرىشقا شارائىتى يار بەرمەيدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر خىزمىتى ئىشخانىسىغا بېرىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ.

     2. يازما ئىمتىھان 

     1) يازما ئىمتىھان ۋاقتى

     2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 16:00 دىن 18:00 كىچە.

     2) يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئورۇن

     ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)؛ كۇيتۇن شەھىرى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يازما ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھانغا دائىر كونكىرت ئەھۋاللارنى ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.

     3) يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەن

     يازما ئىمتىھان بىر پەندىن ئېلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خەنزۇ تىلى بىلىمى، يەسلى مائارىپىغا دائىر كەسپىي بىلىمى ۋە ئۇنى قوللىنىش دەرىجىسى سىنىلىدۇ، نۇقتىلىق ھالدا ھازىرقى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇ تىلى بىلىمى، يەسلى مائارىپىغا دائىر ئاساسىي بىلىمى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئىقتىدارى سىنىلىدۇ (ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىمتىھان چۈشەندۈرمىسىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ، كونكىرت ئەھۋاللارنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ).

     4) ئىمتىھان سوئالىنى چىقىرىش

     «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش يازما ئىمتىھان سوئالى» نى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش چىقىرىدۇ، ئىمتىھان سوئالى خەنزۇچە چىقىرىلىدۇ ھەمدە خەنزۇچە جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر بولىدۇ.

     5) يازما ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى

     نومۇر چېكىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىر تۇتاش تۈزۈپ، يازما ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىدۇ. يازما ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلار يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدۇ.

     6) يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 18:00)

     ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

     3. سالاھيەت تەكشۈرۈش (2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)

      ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرى مەسئۇل بولىدۇ. سالاھىيەت تەكشۈرگۈچىلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ھەمدە قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىر نىسبىتى بويىچە بېكىتىدۇ؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرتىدىغان چاغدا كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2012-يىلى يېزا قوش تىل يەسلىلىرىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش جەدۋىلى» نى ئېلىپ كېلىشى شەرت؛ ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 5-دەرىجىدىن يۇقىرى HSK ئىمتىھانى دەرىجە گۇۋاھنامىسى ياكى 3-دەرىجە B تۈردىن يۇقىرى MHK ئىمتىھانى دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ، HSK ئىمتىھانى دەرىجە گۇۋاھنامىسى يوقلار پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىدىكى 2-دەرىجە B تۈر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجە گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ سالاھىيىتىنى تەكشۈرتىشى شەرت. سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلارنى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن تەرتىپ بويىچە تولۇقلاشقا بولىدۇ. نىسبەت تەلىپىگە يەتمىگەن ئەھۋالدا، ئەمەلىي ئادەم سانىغا ئاساسەن سالاھىيەت تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ (ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ).

      4. يۈزتۇرانە ئىمتىھان 

      1) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە.

      2) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئورنى: شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ كونكىرت ئورنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ ياكى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

     3) يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىش: بۇ خىزمەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. 

     4) يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى بېكىتىش: ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يازما ئىمتىھان نەتىجىسى نومۇر چېكىگە يەتكەنلەر ئىچىدىن يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ ھەمدە قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىر نىسبىتى بويىچە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنى بېكىتىدۇ، ئۈچتىن بىر نىسبەتكە يەتمىسە، ئەمەلىي سانغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

     5) يۈزتۇرانە ئىمتىھان مەزمۇنى: ئاپتونوم رايون بىرتۇتاش ھالدا ئىمتىھان چۈشەندۈرمىسىنى تەييارلايدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

     6) يۈزتۇرانە ئىمتىھان تەلىپى

    (1) يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىر كۈن بۇرۇن يۈزتۇرانە ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە رەسمىي يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىشتىن 30 مىنۇت بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئىمتىھان نۇقتىسىغا بېرىپ بولۇشى شەرت. يۈزتۇرانە ئىمتىھان باشلىنىپ بولغاندا يېتىپ كەلگەنلەرنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

     (2) ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقاندا، يازما ئىمتىھان بېرىش گۇۋاھنامىسى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى، كىملىك (ياكى نوپۇس دەپتىرى) نىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ كېلىشى شەرت، ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا بۇ گۇۋاھنامىلارنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقى گۇۋاھنامىلىرى تولۇق بولمىغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

    (3) يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى 100 نومۇر بولىدۇ، لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 60 نومۇر بولىدۇ.

5. ئومۇمىي نەتىجىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 18:00 دە)

ئومۇمىي ئىمتىھان نەتىجىسى يازما ئىمتىھان نەتىجىسىÏ ٪60 + يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى Ï٪40 بويىچە ھېسابلىنىدۇ. يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ھېسابلانمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي ئىمتىھان نەتىجىسىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 

6. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە)

سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىدىغانلار ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانىنىڭ ئۈچتىن بىر نىسبىتى ۋە ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغانلار بىر كۈن بۇرۇن ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىملىتىشى، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىشى شەرت. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ (ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇنىڭ تەپسىلاتىنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ).

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمان قىلىپ، قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدا سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرتسە بولىدۇ، پەقەت بىرلا قېتىم قايتا تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار قوبۇل قىلىنمايدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، شۇ ئىش ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە ئادەم تولۇقلاپ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرىدۇ. سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ھەققىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ.

ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى سالامەتلىكنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلارنى سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرىدۇ. سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار سەۋەبىدىن ئىش ئورنى بوش قالسا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، شۇ ئىش ئورنىغا يۈزتۇرانە ئىمتىھان بەرگەنلەر ئىچىدىن ئومۇمىي نەتىجە تەرتىپى بويىچە ئادەم تولۇقلايدۇ.

7. تەڭشەش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە)

يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ئەمما ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىنالمىغانلار ئىش ئورنىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مىللەت نىسبىتى نەزەردە تۇتۇلغان ھالدا، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ تاللاش پىرىنسىپى بويىچە ئۆزى تىزىملاتقان ناھىيە (شەھەر) ياكى باشقا جايدىكى بوش قالغان ئىش ئورنىغا تەڭشىلىدۇ. تەڭشەشكە بويسۇنىدىغانلار توردا تىزىمغا ئالدۇرغان چاغدا چوقۇم شۇ كاتەكچىنى تولدۇرۇشى شەرت، رەسمىي تەڭشەيدىغان چاغدا شۇ كىشىدىن قايتا پىكىر ئېلىنمايدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەڭشەشكە قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ مائارىپ ئىدارىسى بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالىشى شەرت، تەپسىلاتىنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. 

8. ئاشكارىلاش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە)

ئاپتونوم رايون بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بويىچە سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارنى قوبۇل قىلىنىدىغانلار قىلىپ بېكىتىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئاشكارىلايدۇ.

9. تەكلىپ قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 10:00 دا)

ئاپتونوم رايون سالاھىيەتنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈزتۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان، ئاشكارىلاش مەزگىلىدە باشقىچە پىكىر چۈشمىگەن تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورىدا ئېلان قىلىدۇ.

10. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلەش (2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە)

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تەكلىپ قىلىنغانلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى 8 كۈن بىرتۇتاش تەربىيەلەيدۇ، كونكىرت ئىشلارنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى ۋە شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تورى ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ. 

11. تىزىمغا ئالدۇرۇش (2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە)

يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار بىر تۇتاش تارقىتىپ بېرىلگەن «تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىتىش كىنىشكىسى» نى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاستتا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەرتىپى مۇنداق: ئالدى بىلەن ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرتۇتاش تىزىملاپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەسلىگە بېرىپ تىزىملىتىدۇ. ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىلەشكە سەۋەپسىز قاتناشمىغان ۋە ۋاقتىدا تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ تەكلىپ قىلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

بەشىنچى، نازارەتچىلىك ۋە باشقا تەلەپلەر

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق خادىملار بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە پىرىنسىپنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىلىگە قاراپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلاردىن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولسا، تەكلىپلىك ئىشلەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. 

ئالتىنچى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلار

بۇ «نىزامنامە» دە بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇن ياكى باشقا ئىشلاردا ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

بۇ «نىزامنامە» نى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل.

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسى: 7606238_0991  7606239_0991

نازارەت قىلىش تېلېفونى: 

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى: 3689636 -ـ 0991

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسى: 7606199_0991

تور تېلېفونى: 7606092_0991

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

责任编辑:Helen

网友评论
表情:
  • 大笑
  • 愤怒
  • 惊讶
  • 汗
  • 哭泣
  • 囧
  • 骷髅
登录(文明上网,登录发言)匿名 验证码: 点击我更换图片
请自觉遵守互联网相关的政策法规,严禁发布色情、暴力、反动的言论。
广告
广告
无觅相关文章插件,快速提升流量